ئۇھسىنىش

ئۇھسىنىش

زەرزات

 كېرەك يوق ئۇ ھەم ساڭا ئىشەنمىسە،

 بەلكى سەن ئۇنى ئانچە چۈشەنمەيسەن.

 ۋەدىلەر دەبدەبىلىك لېكىن يالغان،

ئۇنى دەپ ئاينى كۆكتىن ئۈزەلمەيسەن.

 ئېھتىمال ئۇ سەن ئۈچۈن چىن يىغلىماس،

چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن چىن كۈلمىگەن.

 ئېھتىمال مىڭ ئۆلۈمنىڭ ھېچ بىرىدە،

سەن ئۇنىڭ بىلەن ئەسلا تەڭ ئۆلمىگەن.

 كىتەر ئۇ خوشمۇ دىمەي جىمجىتقىنا،

ئىزدەيسەن غېرىپلىقتا بىر سىمانى.

قارايسەن سۈرىتىگە ئۇزاق – ئۇزاق،

 كۆرمەيسەن كۆزىدىكى ئىلتىجانى…

 2017 – يىلى 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، ئۈرۈمچى