مەكتەپتىكى مەكتۇپلار

مەكتەپتىكى مەكتۇپلار 10

ئابدۇرەھمان ئەفغانىي

 

مەكتەپ تەقىبلىرىدىن ئەخبار بېرىمەن

1

 ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكى تۈپەيلى، ئۇنىڭغا ئېغىر ھاقارەت قىلدى. ئوقۇغۇچى چىدىماي ياندى. ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن قوغلىدى. دېمىسىمۇ، ئوقۇغۇچى قاچان ئوقۇتقۇچىنى يېڭەلىگەن؟…

  سەلىمە ياتاقتا يالغۇز. ئىشىك يېپىقلىق. يەردە يۈز يۈەن يېتىقلىق. سەلىمىنىڭ شەيتىنى پۇلنى ئالدى. يانچۇقىغا ئوي سالدى. كەچتە شەھىدە ياتاقداشلىرىدىن ھېلىقى يىتۈپ كەتكەن يۈز يۈەننى سورىدى. سەلىمە: “خۇدايىم بۇيرۇسا كۆرمىدىم” دېدى…

 ئوقۇتقۇچى قۇربانغا ئۆچ ئىدى. قايسى كۈنى قۇرباننىڭ دادىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ چىققانىدى، ئۇ قۇربانغا دەررۇ ئامراقلاشتى.

 فارۇق دۆت ئوقۇغۇچى. ئەمماكى، ئۇ ھاراق ئىچمەيدۇ، تاماكا چەكمەيدۇ. شۇڭىمۇ، ئۇنىڭدىن ئاتا – ئانىسى پەخىرلىنىدۇ…

  پەرىدەنىڭ ئاتا – ئانىسى مەھەللىدىكىلەرگە: “قىزىمىز ئەتە بېيجىڭدىن كېلىدۇ. ئۇ بېيجىڭدا ئوقۇپ ناھايىتى مەدەنىيلىشىپ كېتىپتۇ” دەپ ماختاندى. ئەتىسى ھەممە كىشى بېكەتكە باردى. بىراق ئۇلار ھەرقانچە ساقلىسىمۇ، پەرىدەنىڭ سايىسىنى كۆرمىدى. بىر چاغدا ئۇلارنىڭ يېنىدا كۈلۈپ تۇرغان يېرىم – يالىڭاچ بىر قىز: “دادا – ئاپا، مېنى تونۇمىدىڭلارمۇ؟ ” دەپ سورىدى.

   يېڭى بىر ھېكمەت: كۈندە بىر قېتىم “مەن كىم” دەڭ!

2

 بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، سەلىم دېگەن ئىسىم بىلەن دۇنياغا كۆز ئاچقان ناھايىتى ئەقىللىق، ئەمما جىق گەپ قىلىدىغان بىر ۋات – ۋات تالىپ بار ئىكەن. ئۇ نېمىشقا جىق گەپ قىلىدىكەن دېسە، ئۇ خالايىققا ئۆزىنىڭ ئەقىللىكلىكىنى دالۋايلىتىشقا، ئۇششالىقىنى بازارغا سېلىشقا خۇشتار ئىكەن.

 خۇدانىڭ گۈزەل كۈنلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ مەلۇم بىر سورۇندا بىر دانىشمەن بوۋاي بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ قاپتۇ. ئۇ مەزلە كەلتۈرۈلگەندىن تارتىپ تا يىغىشتۇرۇلغۇچە توختىماي كاپىلداپ چىقىپتۇ:

 – بۇنداق دېسەم لاپ ئاتقانمىكىن دەپ قالماڭلار، مەن ئەمىسە بىزنىڭ يۇرتتىن چىققان تۇنجى قۇياش. مەن ئەقلىمنى بىلسەم، يۇرتىمىزدىكىلەر پولۇنى قولىدا يېمەيدىكەنتۇق. مەن ئۇلارغا ئەنئەنە دەرسلەردىن بىر نەچچىنى ئۆتۈپلا، ئۇلارنى سەللىمازا ئىسلاھ قىلىۋەتتىم…

 – قىلغىنىڭ ناھايىتى نۇرلۇق ئىشكەن، بالام.

 – رەھمەت بوۋا.

– ئەمما سەن بۇ مەنمەنچىلىكىڭنى تاشلىمىساڭ، سېنىڭ قىلىۋاتقىنىڭ بەئەينى ئوچاققا بىر ياقتىن ئوتۇن سېلىۋاتقاچ، يەنە بىر ياقتىن سۇ سەپكەندەك بىر نەتىجىسىز ئىش بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەجىرلىرىڭ پانىيدىمۇ، باقىيدىمۇ مەدھىيەلەنمەيدۇ.

   يېڭى بىر ھېكمەت: ۋالىلدا، ۋاتىلدىما!   

3

 – تېنچ، كېلەر پەيشەنبە باھالاش كېلىدىكەن.

 – ۋايجان ن، يەنە كېلەمدىكەن.

 – بىردەم جىم تۇرۇشقىنە گەپ قىلماي…

 – بىراق ئون يەتتە كۈندىن كېيىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۇرسا…

  – جىم تۇرۇش دېدىم، جىم – جىم، ھېي ئېشەكلەر… ھەممە ئىشلار يەنە بۇرۇنقىدەك بولىدۇ. نەچچە ۋاختىن بۇيان سۈپۈرگە – سۈرتكۈچلەرنى كۈچەپرەك مىدىرلىتىشقان بولساڭ، ما ئۆلگۈر مەكتەپمۇ ھازىرقىدەك جىن ئۇۋىسىغا ئوخشاپ قالماستى. ئۇ چاغدا باھالاشقا بىر كۈن قالغاندا ئاندىن تەمتىرىسەكمۇ ئۈلگۈرەتتۇق. بىراق مەكتەپنىڭ ھازىرقى ئەپتىگە بۈگۈندىن باشلاپ ئىشلىمىسەك كېچىكىپ قالىمىز. شۇڭا ما بىر ھەپتىدە چۈشتىن كېيىن دەرس ئۆتۈلمەيدۇ. تۆت سائەت چوڭ تازىلىق قىلىمىز. ئاڭلاشتىڭما؟ يەنە بىر قېتىم دەپ قوياي، ما قېتىمقى باھالاشقا چاقچاق قىلىشقا بولمايدۇ.

 – مۇئەللىم، باھالاشقا چاقچاق قىلساق بولمايدۇ دەپ، ئالدىمىزدىكى پۈتكۈل ھاياتىمىزغا دېئاگنوز قويىدىغان ئىمتىھانغا چاقچاق قىلساق تېخىمۇ بولمايدۇ – دە.

 – نېمە؟ سېنىڭ ماڭا پىكىرىڭ بار ئوخشىمامدۇ؟ خەپ گۇينىڭ بالىسى، شۇنداق چىرايلىق گەپ قىلىۋاتسام، يەنىلا ھايۋانغا گەپ ياراشمايدۇ – دە. باھالاش كېلىدىغان چاغدا مېنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىمنى بىلمەيدىغان ئوخشايسەن ھە! ھازىر كەينىمدىن ئىشخانىغا چىقىپ، مەن بىلەن ئوبدان تونۇشۇۋال.

 ئوقۇغۇچىلار ئېغىر ئۇھسىنىشتى.

   يېڭى بىر ھېكمەت: مۇھىمنىڭ مۇھىمىنى تېپىش مۇھىم! 

4

 سۈبھى. ھەممە لەزىز ئۇيقۇدا. ئالىيە ئاپپاي بايىلا ئېچىلغان كۆزلىرىنى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۇۋۇلىغاچ، بەش قەۋەتنىڭ چىرىغىنى ياقتى ۋە پۇشتىكىنى قىينىلىپ بىر چېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنى ئويغىتىشقا باشلىدى:     – قوپۇڭلار، بالىلىرىم. قاراڭلار، خورازمۇ سىلەرنى زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ. چىرايلىق بەگزادىلەر، قوپۇڭلار دەيمەن. بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ… ئاشخانىدا ئىسسىق كالا سۈتى، توخۇ تۇخۇمى، يەنە نۇرغۇن مەززىلىك يېمەكلىكلەر سىلەرنى ساقلاۋاتىدۇ. ئۈچ يۈز ئون بەش… بەش يۈز يىگىرمە… قوپساڭلارچۇ!

 ئالىيە ئاپپاي يېرىم سائەتتىن ئوشۇقراق بالا ئويغىتىشتىن ئىمتىھان بېرىپ، نۆل نومۇر ئالدى.

 – ھۇ ياغاچ قۇلاق شۇملار، چوشقىدەك يېتىشىۋېرەمسەن؟ قېنىدۇ سۈپۈرگە، ھە مانا، قوپىشە چوشقىنىڭ كۈچۈكلىرى، چىرايلىق ئويغاتسام قوپمىغاندىكىن.

 ئالىيە ئاپپاي شۇ خۇرۇچىدا ھەربىر كارىۋاتتىكى بالىنى سۈپۈرگىنىڭ دەستىسى بىلەن تۆت – بەشنى دۇمبالاپ، ۋايجانلاتقىلى تۇردى. بەش مېنۇت ئۆتەر – ئۆتمەيلا، پۈتۈن ياتاق بىناسىدا بىرمۇ ئوقۇغۇچى قالمىدى.

  – كۈندە ئاچچىقلانمىغۇچە ئورنىدىن تۇرمىغان، – دېدى ئالىيە ئاپپاي ئۆز – ئۆزىگە.

   يېڭى بىر ھېكمەت: (نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى چۈشىنىپ بولدۇڭلارغۇ دەيمەن)   

5

 تۈنۈگۈن تۆۋەن يىللىقتىكى ئىككى ئوقۇغۇچى مەيداندىلا تاكاللىشىپ قاپتۇ. ئاغزىدىن تۆكۈلۈۋاتقىنى دۇنيادىكى ئەڭ سەت گەپلەر، ئەلپازىمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى.

 – ھۇ ئىتنىڭ بالىسى…

 – ئاناڭنى…

 – ئانامنى…

 – ئاز گەپ قىل، ھېلى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن.

 ئۇلار بىر – بىرسىگە شىر كەبى ھۆركىرەيتتىيۇ، ئەمما رەقىبىگە ئېتىلىش ئۈچۈن ئالدىغا بىر قەدەم ئالغان ئۇلار ئارقىغا تۆت قەدەم ياناتتى. ھەيرەتلىنىپ ئىنچىكە كۆزەتتىم. ئۇلار سوقۇش ئەرساتىنى ئورىۋالغان بالىلارنىڭ ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىشىغا، ئىمكان بار قارشى تەرەپكە يېقىنلىشىپ قالماسلىققا تىرىشىۋېتىپتۇ. توۋا خۇدايىم…

 بۈگۈن تېخىمۇ توۋا خۇدايىم. تۈنۈگۈن ئېغىز – بۇرنىنى قان قىلغىلى تاس قالغان ئۇ ئىككى قەغەز پالۋان بۈگۈن ئېغىز – بۇرنىنى يالىشىپ كېتىپتۇ. ئۇلاردىن ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ: “ياخشى ئادەم ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتسا بولمايدۇ” دېگەن ھېكمىتىگە بەك ئەمەل قىلىدىغان ئوخشىمامدۇ!؟

  يېڭى بىر ھېكمەت: ئەركەكچىلىكنىڭ تەمى قالمىسا، بەرىكەتچىلىك ئۇنىڭغا يەم بولىدۇ! 

6

– ئالىي.

ئالىي قوپتى.

– ئاسمان نېمىشقا كۆك؟ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ باق.

– چۈنكى يەر شارىنىڭ يەتمىش بىر پرسەنتى سۇ، مۇئەللىم.

– ساقتۇ؟ نېمە ئالىجوقا گەپلەرنى قىلىپ يۈرىسەن.

– ھەممىمىز سۇ رەڭگىنىڭ تىنىق كۆكلىكىنى بىلىمىز. مېنىڭچە يەر شارىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى دېڭىز بولغاندىكىن، ئۇنىڭ ئەكسى ئاسمانغا يېنىپ، ئاسماننىمۇ كۆك ئىسكەتكە كىرگۈزۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ مېنىڭ قىياسىم.

– جۇغراپىيە قىياسقا ئەمەس، دەلىلگە مۇھتاج.

– دەلىللەپ بەردىمغۇ!؟

– جىق گەپ قىلماي باسسىلا ئاساسنى، دەرس ئۆگەنمەي كەلگەن دېسەڭلا بولمىدىمۇ؟! گۈليار، قېنى سىز دەپ بېقىڭ.

– قۇياش يەر شارىغا يەتتە خىل نۇر چاچىدۇ. شۇلارنىڭ ئىچىدە كۆك رەڭنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئەڭ قىسقا بولغاچقا، كۆپ بۆلىكى ئاتموسفىرا قەۋىتىنى بۆسۈپ ئۆتەلمەي، ئاسمانغا شولىلىنىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ، شۇڭا…

– ناھايىتى ياخشى، ئۆز ئەينى كىتاب بۇ گۈليار، چاۋاك!

پەستە ئالقىش ياڭرىدى.

  يېڭى بىر ھېكمەت: گەپ قىلغۇم كەلمىدى…   

7

 مەكتەپكە كەلگەن بىرىنچى ھەپتىسىلا، بىر ئوقۇغۇچى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانىدىم. بۇ ئىش ئۆتۈپ كەتكىلى ئاللىبۇرۇن ئىككى يىل بولدى. شۇ چاغدا مۇئەللىم بىر ئاگاھ سېگنالى بەرگەن. مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇيۇپ تۈزۈم سىزىقىدىن چىقماي كەلگەن. بۈگۈن يولدا سەل كاشىلا بولۇپ قېلىپ، يوقلامغا ئىككى مېنۇت كېچىكىپ قېلىۋىدىم، سىنىپ مۇدىرى:

 – سەن ئېشەك ئوڭشالمامسەن – ھە؟ ماڭا ماقۇل دەپ قويۇپ، يەنە قىلىدىغىنىڭنى قىلىۋېرەمسەن؟ سەندىكى ئېغىز بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئېغىزىمۇ ئەمەسمۇ؟ ئۆلۈشيىل ئۇرۇشتۇڭ، ئەمدى كېچىكىۋاتىسەن. كىم بىلىدۇ، مەن بىلمەيدىغان ئەسكىلىكلىرىڭ قانچىلىك تېخى. مەن سېنى ئوڭشاپ – ئوڭشاپ بولالمىغاندىكىن، ئۆيۈڭگە كېتىپ ئوڭشىلىۋال. ماقۇل ئەمىسە، ئەتىلا ھەيدەپ قوياي.

 – مۇئەللىم، بىر قېتىم پۇرسەت بەرسىڭىز، ئىمتىھانغا تۆت ئاي قالغاندا بۇنداق قىلمىسىڭىز…

 – ھە ئوقۇغۇم بار دە، ئوقۇغۇسى بار ئادەم دېگەن قائىدىگە ئوبدان بويسۇنۇپ يۈرگۈلۈك. ئەمىسە بىر مەرتە پۇرسەت بەرسەممۇ بېرەي، ئەمما مەكتەپتىن بېرىدىغان ئوقۇش ياردەم پۇلۇڭدىن بەش يۈز سوم تۇتۇپ قالىمەن. ئەگەر ئىت – مىت قىلساڭ، ئەنە، مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى داتاڭدەڭ ئوچۇق، كېتىسەن.

 – …

 يېڭى بىر ھېكمەت: كەتمىش كەتتى، كەلمىشكە باق! 

8

 مەكتەپ بىزنىڭ سىنىپنى “مەكتەپ تەشۋىق قىلىش” پائالىيىتىگە مەسئۇل قىلىپ بېكىتىپتۇ. شۇڭا پۈتۈن دەردىمىزنى ئىچىمىزگە يۇتۇپ، چىرايلىق سۆزلەرنى ئويلاشقا باشلىدۇق:

 – بىزنىڭ مەكتەپ كۆڭلىڭىزدىكى بىر مەكتەپ، ئۆمرىڭىزدىكى خىل مەكتەپ. ساۋاتسىزلىق نومۇستۇر. ھاياتىمدا تەلەپلىك ئۆتەي، ماماتىمدا شەرەپلىك ئۆلەي دېسىڭىز، بىزنىڭ مەكتەپكە قەدەم بېرىپ، ئۇنىڭدىن قەلەم ئېلىڭ. زېھنىڭىزنى مۈشكۈللۈك ئەلەم بىلەن ھاسىراپ ئەمەس، ئۈچ يىللىق قەلەم بىلەن ئاسراپ كېلەچەككە قارىتىڭ ۋە كەلگۈسىڭىزنى يارىتىڭ. مەكتىپىمىز گەرچە ئەۋلىيالىق مەقامىغا يەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاللىقاچان جاكارچىلىق مۇقامىدىن ئۇنۋان ئېلىپ، مەكتەپلەر ئارا قۇۋان ئاتىلىپ بولغاچقا، سىزنىڭ نىيىتىڭىز ۋە كېيىنىڭىزنى، ھېرىسىڭىز ۋە خىرىسىڭىزنى چالا ۋە ئالا قويماي، ئاداققى پەللىگە غەلىبە بىلەن ئاپىرىدۇ. ئىنسانىيەت بۈگۈن ئالىيغا تەشنا، ئەمما بىزنىڭ ئىنسانلار ئالىيدىن بەكرەك ۋالىيغا تەقەززا. سىز بىزنىڭ چوقۇر بۇلاقلىق ۋە ئۇزۇن قۇلاقلىق مەكتىپىمىزدىن ۋالىيلىقنىڭ يولىنى ئاسانلا تاپالايسىز ۋە ھاياتىڭىزنىڭ ئۇلىنى چىڭ سالالايسىز. مۇبادا سىز ئۆزىڭىزنى ۋەتەنپەرۋەر چاغلىسىڭىز، ئۇنداقتا بىزنىڭ مەكتەپ مەڭگۈ سىزگە ساھىبخان. كېلىڭ ۋە مېھمانلاپ كېتىڭ…

يېڭى بىر ھېكمەت: گەپ دېگەننى دېسە ئېغىزدىن چىقىۋېرىدۇ! 

9

 مۇئەللىم دېدى: “بەزىلىرىڭلار بىر كۈن كەچكىچە سىنىپتا قىمىر قىلماي ئولتۇرىسىلەريۇ، خىيالىڭلار سىنىپنىڭ تېشىدا. بۇ چاغقىچە شۇنچە گەپ قىلساممۇ سىلەرگە كار قىلمىدى. بۈگۈن ھەممىڭلار شېئىر يېزىپ كېلىڭلار. ساتىرا بىلەن ساتىرالىساڭلارمۇ، رۇبائىي بىلەن ئۆگۈتلىسەڭلەرمۇ ئىختىيارىڭلار.”

 مۇئەللىم كۆرسىتىۋاتقانلارنىڭ تېپىك ۋەكىلى بولمىش بىرەيلەن ئاكتىپلىق بىلەن مۇنۇ شېئىرنى يېزىپتۇ:

نەزافەتلىك بېزەر قەلبىڭنى،

ئىلىم بىلەن تويۇنغان مەكتەپ.

شۇڭا تۇرساڭ ئۆزۈڭ دەرستە،

ئەپقاچمىسۇن كۆڭلۈڭنى مەشرەپ.

نېمە قىلساڭ قىزىققاننى قىل،

ئاڭ – زېھنىڭنى ئۇنىڭغىلا تۆك.

بولغاندىكىن ھازىر مەكتەپتە.

بېلىق بولۇپ مۇشۇ كۆلگە چۆك.

   يېڭى بىر ھېكمەت: گەپ تورۇس، ئەمەل تۈۋرۈك!   

10

 مەن مەكتەپكە ئۆچ ئەمەستىم، ئۇ ئۆزى مېنى ھۆ قىلدى…

  يېڭى بىر ھېمەت: سوئالنىڭ جاۋابىغىمۇ سوئال قويۇڭ، ئۇنىڭ جاۋابى دەل ئەڭ مۇكەممەل جاۋابتۇر! 

2014 – يىلى دىكابىرنىڭ ئاخىرلىرى، خوتەن