قارا ئويۇن

قارا ئويۇن

 

ئابدۇرەھمان ئەفغانىي

     دۇنيا ماڭا جاندىن باشقا ھېچنەرسە بەرمىدى. ئائىلەمنىڭ ماڭا كەلگۈسىمنى تەييارلاپ بەرگۈدەك ماغدۇرى يوق. مەن بۇ تەرەپلەرنى كىچىكىمدىن باشلاپ ھېس قىلىپ، باشقىلاردىن بىر ھەسسە ئارتۇق قان – تەر تۆكۈپ كەلدىم. ئاخىرقى پەللىگە بىرىنچىلىكتە يېتىپ بارالمىساممۇ، باشلىنىش نۇقتىسىدىن بىرىنچى بولۇپ قوزغالدىم. مەن مۇشۇ فورمۇلادا ئىنتايىن ياخشى ياشاپ كەلگەن. كېلىۋېتىپ تۇيۇقسىز… بارغانچە ئىچىمدە ياشلىق ھەۋەسلىرى بىخلىنىشقا باشلىدى. ئۆزۈمنى يېتەرلىك مۇنەۋۋەر چاغلاپ، مېڭەمگە ئاز – تولا ئارام بېرىشنىڭ ھېچقانچە بەرھىمى يوق دەپ ئويلىدىم. دېمىسىمۇ كۈنلىرىم بۇرۇنقىدىن كۆپ كۆڭۈللۈك ئۆتۈشكە باشلىدى. مەن تىرىشىپ زىخمۇ، گۆشمۇ كۆيمەيدىغان ئۇسۇلدا ھاياتىمنى يېڭىلىدىم.

    بۇ يېڭى دۇنيادا، ئارزۇلىرىم بىر – بىرلەپ ئەمەلگە ئېشىۋاتقاندەك قىلاتتى. يۈز سوم خەجلەپلا رولس – رويس سېتىۋالدىم، شەخسىي ئايروپىلانىم بىلەن چەتئەللەرگە باراۋەتكە چىقتىم. دوستلىرىم بىلەن تەڭ جەڭ قىلدىم، قەھرىمان دەپ داڭ چىقاردىم. ئەسلى مېنىڭ توپ تېپىشتە تۇغما تالانتىم بار ئىكەن، يېرىم يىلدىلا بەش مىلياردلىق توپ كوماندىسى قۇرۇپ چىقتىم. شۇنداق، بۇ دۇنيا ماڭا ياراشتى، مېنىڭ ئەتىۋارىمنى قىلدى، ماڭا ھۆرمەت بەردى. مەن قىلغۇم بار ئىشنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەردە قىلالىدىم. مەن قىمار شاھى بولدۇم، ئۆمۈچۈك پالۋان بولدۇم، بوكس سەھنىلىرىدە چىمپىيون بولدۇم، سەنئەت سەھنىلىرىدە چولپان بولدۇم. كۇھىقاپتىن ساق قايتىپ كېلىپ مۆجىزە ياراتتىم. ئۆزۈمگە تەۋە دۆلەت قۇردۇم، ئۇ يەردە مېنى سۆيىدىغان مىليونلىغان مەستانىلىرىم بار. بەخت نېمىدىگەن ئەرزان، ئۇنى تېپىش نېمىدىگەن ئاسان! مەن ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىمەن، ئۆيدىكىلىرىممۇ چوقۇم مەندەك ساھىبقىرانىدىن خۇش بولىدۇ…

     ئاتا – ئانامغا خۇش – خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن، بۇ مۇكەممەل دۇنيادىن قىيماسلىق ئىلكىدە چىقتىم. يىراق – يېقىندىكى ۋاراڭ – چۇرۇڭلار ئارىسىدا تىنىمسىز تىپىرلاۋاتقان ئىنسانلار، قاتناۋاتقان قاتناشلار شۇقەدەر جاپاكەش كۆرۈنەتتى. ئۆزۈمگە قاراپ، ئۆزۈمگە قايتىپ كەلدىم. بىر كېچىدىلا ۋەيران بولغان بايدەك، يېنىمدا كىملىكتىن باشقا ھېچنېمە قالمىغانىدى. بۇ ئىنسانلار گەرچە كالۋالارچە مۇشەققەت ئىچىدە ياشىسىمۇ، بۇلارنىڭ دۇنياسى ھەقىقىي ئىدى. ئىمام ئەخپەشنىڭ ئۆچكىسىدەك ئېنىق مەيدانىم يوق، ئىككى دۇنيادىن قايسىسىنى تاللاشنى بىلمەيتتىم. بۇ چاغدا ئاتا – ئانام، ئارزۇ – ئارمىنىم كۆز ئالدىمدا زاھىر بولۇپ، كۈندىكىدەك مېنى چۈشۈمدىن ئويغىتىشقا تەمشەلدى. مەن ئويۇننى ئوينىدىممۇ، ئويۇن مېنى ئوينىدىمۇ؟ مەن ماشىنىلىرىم، داچىلىرىم، دۆلەتلىرىم قالغان دۇنيارىمغا يىرگىنىش ئىچىدە قارىدىم. “قارا ئويۇن تورخانىسى” دەپ يېزىلغان بۇ يەر ئاستى كۇلۇب كۆزۈمگە خۇددى نازىنىننىڭ غەمزىسىدەك ئېرىتقۇ ھەم ئېزىتقۇ كۆرۈندى.

2017 – يىلى نويابىرنىڭ 17 – كۈنى، ئۈرۈمچى