يېرىم

يېرىم

ئابدۇرەھمان ئەفغانىي

◆ ◆ ◆ ◆

     يېرىم سائەت ھايات ھەققىدە تەپەككۇرلىنىپ يېرىمىغا كەلدىم. ئۆمرۈملا پۈتۈن، ئىچىدىكى ھەممە نەرسە يېرىم ئىكەن. بەلكىم ئون يېشىمدا ساۋاتىمنى تولۇق چىقارغان بولسام؛ يىگىرمە يېشىمدا مۇھەببەتكە ئەستايىدىل قارىغان بولسام؛ ئوتتۇز يېشىمدا ئائىلەمگە ئوت قالىيالىغان بولسام، قالغان قىرىق يېشىمدا، ئەللىك يېشىمدا، ئاتمىش يېشىمدا بىر قەدەر پۈتۈن ياشار ئىدىم. ئۆتكەن يېرىم ئۆمرۈمگە قاراپ ئېچىندىم، ئۆتمەكچى يېرىم ئۆمرۈمنى ئويلاپ ئۇھسىندىم. يېرىم – يارتا ئىشلار جىقايغانسېرى، شۇ يېرىملىق ئۆلچەم بولۇشقا باشلىدى. ئۆزۈمنى پۈتۈنلىگۈم كەلمىدى، يېرىم ياشاش خۇيۇمغا خۇش ياقتى. بىراۋغا تەقدىم قىلغان چىن ھېسسىياتىمنىڭ يېرىم يولدا ئۆزۈمنىڭ كۆپ ئويلىۋېلىشى بولۇپ قېلىشىدىن قورقاتتىم. يولنىڭ يېرىمىنى بېسىپ بولۇپمۇ، تاللاشلىرىمغا ئىشەنچ قىلالمىدىم، ئاقىۋىتىدىن ئۈمىد كۆرەلمىدىم. ئەجەبا مەنلا يېرىم ياشاۋاتامدىم؟ قارىسام ئۇنداقمۇ ئەمەس. كىمنىڭ ئارمىنى يېرىم قالمىغان، كىمنىڭ ئۆلۈمى مۇكەممەل بولغان!؟ ئادەملەر كىچىكىدە چوڭۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، چوڭىغاندا كىچىكلەشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ ئۇلار ئاۋۋال سالامەتلىكىنى دوغا تىكىپ پۇل تاپىدۇ، ئاندىن پۇللىرىنى كۆتۈرۈپ سالامەتلىك ئىزدەيدۇ؛ ئۇلار ئەتە قانداق ياشاشنى ئويلاپ، بۈگۈنكى بەختنى ئۇنتۇپ قالىدۇ؛ ئۇلار ياشايدۇ خۇددى ئۆلمەيدىغاندەك، ئەمما بىر كۈنى ئۆلىدۇ خۇددى ياشاپ باقمىغاندەك… بۇ يەرلەردە مەنتىقە يېرىم. ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ يېرىم قېلىشى بەرھەق! چۈنكى ئۇ ئىنسان. توقسان توققۇز قەدەمنى بېسىپ بولساڭمۇ، يۈزىنچى قەدەم تاماملانمىسا، يەنىلا يېرىمىنى باسقان بىلەن باراۋەر. مۇھەببەت ئۆلگۈچە بىرگە ياشىساڭمۇ يېرىم قالىدۇ. دۇنيادىكى بىرىنچى بايمۇ دۇنيانى سېتىۋالالمايدۇ. ئوسكار مۇكاپاتىغا نائىل بولغان فىلىمنى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىشلەشكە بولىدۇ. سەبرى «ئانا يۇرت» نى ياراتتىيۇ، ئۇ قۇچقان شەرەپ – شانلارنى كۆرەلمىدى. ئاتا – ئانا پەرزەنتىنى جان بېرىپ چوڭ قىلدى، پەرزەنت ئەمدى ئۇلارغا جان بېرەي دېگەندە ئۇلار كەتتى، بۇ يەردە مېھرى – مۇھەببەت يېرىم قالدى. قىزغۇ يۈرىكىنىڭ نىداسىنى ئاڭلىدى، لېكىن يىگىتنى ھەۋەسلىرى ھەيدىگەن، شۇڭا بۇ يەردە مۇھەببەت يېرىم قالدى. مېڭىپ يولنىڭ يېرىمىگە كەلگەندە، يول ئۆزگىرىپ كەتتى. قول تۇتۇشۇپ يېرىمغا كەلگەندە، بىر قول ئۆزىنى تارتتى. سۆيۈپ يېرىمىغا كەلگەندە، كۆڭۈلمۇ سۇسلىشىپ قالدى. شۇنداق بىر نەزەرىيە بارمىدۇ، شېئىرغا چېكىت قويمايدىغان؛ شۇنداق بىر مەخپىيەتلىك بارمىدۇ، ئادەم ئۆلمەيدىغان؟ ئىنساننىڭ دۇنياچىلىقتا تۈگىمەيدىغان ساختا ئالدىراشچىلىقىنى ئۆلۈم تۈگىتىپ بېرىدۇ. نۇرغۇنلىغان يېرىم ئىرادە، يېرىم غەلىبە، يېرىم ھېكايە، يېرىم كۆڭۈل… يېرىمنىڭ يېرىمى نەدە؟ يېرىمى يوق. چۈنكى سەۋەبى بولغاچ، شۇڭلاشقا شۇنداق بولۇۋاتقان ئىشلار، ئامال يوق. بىراق مەن توختاپ قالماسلىقىم كېرەك، چۈنكى مەن يېرىمنىڭ يېرىمىغىمۇ كەلمىگەن.

2017 – يىلى نويابىر، ئۈرۈمچى