مېنىڭ مېيىپ پەرىشتەم

مېنىڭ مېيىپ پەرىشتەم
2

مېنىڭ بىر مېيىپ قىز دوستۇم بولسا، ئۇنىڭغا ھەر كۈنى بىر رەت «قورقما، مەن بار» دېسەم، بۇ چۈنكى ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل سۆز تۇرسا… ئۇ گاس بولسىمۇ مەيلى ئىدى، ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ يالغانلارغا تولۇپ كەتكەنلىنى، ئاڭلىيالماسلىقنىڭ بىر نېئمەت ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرەتتىم؛ ئۇ گاچا بولسىمۇ مەيلى ئىدى، ئۇنىڭغا ئۇلۇغۋار ئادەملەرنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەردەك گەپ قىلىپ يۈرمەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرەتتىم؛ ئۇ ئەما بولسىمۇ مەيلى ئىدى، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەما ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرەتتىم.

ئەي مېيىپ قىز، مېيىپلىقىنى سەنئەتكە ئايلاندۇرغان قىز، قەلبىڭ شۇنچىلىك ھارسىمۇ، قەدەملىرىڭ شۇنچىلىك تالسىمۇ، يېڭىلگىنىڭگە تەن بەرمىگەن قەيسەر قىز، ھاساڭنى قانات قىلىپ بىپايان ئەفغان ئارىلىدىن بىناۋا خەندان خۇمدانىغا كىرىپ كەت.

ئوخشاش كۆزلەر ئوخشىمايدىغان كۆرىدۇ…
ئوخشاش ئېغىزلار ئوخشىمايدىغان سۆزلەيدۇ…
ئوخشاش قۇلاقلار ئوخشىمايدىغان ئاڭلايدۇ…
ئوخشاش يۈرەكلەر ئوخشىمايدىغان ئويلايدۇ…
ئوخشاش ئادەملەر ئوخشىمايدىغان ياشايدۇ… 
شۇڭا ھەر ئادەم ئۆز دۇنياسىدا ئادەم بولىدۇ. بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە نىسبەتەن دەل كور، دەل گاس، دەل گاچا. سەن ئۆزۈڭنىڭ دۇنياسىنى قۇرۇۋەر، باشقىلار ھامان باشقىلار، ساڭا باشلىق ئەمەس.

سۆيگۈ ھامان بىر تامچە ياشقا ئايلىنىدۇ، لېكىن يەنە سۆيىمىز، چۈنكى ئۇ سۆيگۈ مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ. ياشلىقىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىرنەچچە مېنۇتلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ، سېنى بىر نەچچە مەرتە خۇشال قىلىۋېلىشىمغا يول قوي. 

قەسەم دەقىقىلىرى يېتىپ كەلدى. يۈرىكىمگە كىرىپ بولۇشىڭغىلا، ئۇنىڭ ئىشىكىنى مەھكەم ئېتىۋېتىمەن. باشقىلار ئىچىگە كىرەلمەيدۇ، سەنمۇ سىرتقا چىقالمايسەن. كۆزلىرىمگە قاراپ تۇرۇپ قارار بەر، قالغان ئۆمرۈڭدە مېيىپلىقىڭنى ئۇنتۇپ قالغۇڭ بارمۇ؟ مەندە مۇشۇ كامىل ئېتىماد بار. قولۇڭنى تۇتماسلىقىم كېرەك ئىدى، ئەمدى قويۇۋەتمەسلىكىم كېرەك.