مېيىپ پەرىشتىلەر

مېيىپ پەرىشتىلەر
1

بىز قورساقتىن چۈشۈپلا دۇنيا بىلەن قۇچاقلىشىمىز، ئەمما ئۇلار بىزدىن يىگىرمە يىل كېيىن ئاندىن دۇنيا بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ئۇلار تۇغۇلۇپلا ئۆزىنىڭ دۇنيانىڭ قارا تىزىملىكىدىلىكىنى كۆرۈپ، تۇغۇلغىنىغا مىڭ بىر پۇشايمان قىلىدۇ. يىگىرمە يىلدىكى سانسىز چۈشكۈنلىشىش، پىنھانلارغا سولىنىۋېلىش، قورقۇش ۋە بېسىم، ئاندىن بارا – بارا قوبۇل قىلىش، ئۆزىنى قايتىدىن تونۇش، ئەستايىدىل ئويلىنىشتىن كېيىن، تىرناقچىلىك ئۈمىد بىلەن دۇنياغا قارىيالايدۇ. شۇنداق، ئىنسانلار ئۇلارنى مېيىپ دەپ چاقىرىشىدۇ. ئۇلار ئارزۇسى شۇنچىلىك ئاددىي ئىنسانلار، باشقىلار پۇلغا ھەۋەس قىلىۋاتقاندا، بىر بىجىرىم پۇتقا ھەۋەس قىلىدىغان ئىنسانلار.

بىر مېيىپ قىزنىڭ ئىچكى دۇنياسى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟

ئۇ قۇياشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى سەھەردە ھەممىنى قايتىدىن باشلىغىلى بولىدىغاندەك خىيال قىلىدۇ. ئەمما كەچ كىرگۈچە ئۇنىڭ ئىشەنچى نەچچە رەت ئۆلۈپ تۇرىدۇ. كېچىسى ئۇخلاتمايدىغان ئازاب، سەھەردە دەس تۇرغۇزىۋېتىدىغان ئارزۇ؛ كېچىسى ئۇخلاپ قالغان ئىرادە، سەھەردە نۆلدىن ئويغانغان ئۈمىد…

دوستلىرى ئۇنىڭغا كۆيۈنگەندە، ئۇ قايتا – قايتا ياشاش ئىرادىسىگە كېلىدۇ. ياتلار ئۇنىڭغا مەنسىتمىگەندەك قاراشقاندا، ئۇ ئۆلۈمگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمەيدۇ.

ئۇ ھايات كىتابىنى ئوقۇپ مۇھەببەت بابىغا كەلدى.

ئۇنىڭ ياشىشى شۇقەدەر مۈشكۈل ئەمما شۇقەدەر ئەستايىدىل. ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىش، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى سېغىنىش، بۇ نېمىدىگەن تاتلىق تۇيغۇ. ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، لېكىن كۆڭۈل يەنىلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. 

ئۇنىڭ كۆڭلى مېيىپ ئەمەس. باشقىلاردەك، ئۇمۇ كۆڭلىنىڭ تىزگىنىنى باشقۇرالمايدۇ. ئەمما ئۇ قەلب سىرلىرىنى قەلبىنىڭ سىرتىغا ئاشكارىلىيالمايدۇ، يۈرەك سۆزلىرىنى يۈرىكىدىكى ئادەمگە ئېيتالمايدۇ. دەيمۇ – دېمەيمۇ دەپلا، قولىدىكى گۈللەر شۇ پېتى سۇلىشىپ كېتىدۇ.

سەن تەلىيىڭنى سىناپ باقماقچى بولدۇڭ. بىتەلەي چىقتىڭ. چاندۇرماي كۈلدۈڭ. چىرايىڭدا كۆرگەنلىرىم دىلىڭدىكى ئەمەس ئىدى. قەلبىڭنىڭ تراگىدىيەنى قوبۇل قىلالىغۇدەك ماغدۇرى يوقلىقىنى بىلگەن بولساڭ، ئۇنىڭغا سەل قاتتىق قول بولار ئىدىڭ. سەن ئېيى يوق ئاسمانغا ئاي سىزىپ قويۇپ ئۇخلاپ قالدىڭ، ئەمما ئاسمان ساڭا بىر كېچە ئۇخلىماي قاراپ چىقتى.

قوشۇش بار يەردە ئېلىشمۇ بار، كۆپەيتىش بار يەردە بۆلۈشمۇ بار. ئەسلى سەن ھەربىر خەيرىلىكتىن كېيىنكى خەيرىسىزلىككە تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشۇڭ كېرەك ئىدى. چوڭلار ساڭا بەخت ئىزدەش سەپىرىدە بەلكىم ئازابقا ئۇچراپ قېلىشىڭنى دەپ قويغان بولسا، باشتىلا يولغا چىقماس ئىدىڭ.