يامغۇر تەسەللىسى

يامغۇر تەسەللىسى

ئابدۇرەھمان ئەفغانىي

يامغۇر: سىرتقا چىققىن.

دىلبەر: ياق. 

يامغۇر: مەندىن خاپىمۇسەن؟

دىلبەر: پۈتۈن ھېكايىنى سەن باشلىغان.

يامغۇر: بۇنى ئىنكار قىلمايمەن، بىراق سېنىڭ مەن سەۋەبلىك تۈگىشىپ كېتىشىڭگىمۇ قاراپ تۇرالمايمەن.

دىلبەر: ئەمەلىيەتتە سەنمۇ سەۋەبچى ئەمەس، بەلكىم ئۇدۇر، يا بەلكىم مەن.

يامغۇر: كۆرۈشمىگىلى بىر ئاي بوپتۇ، چىقساڭ ئايلانساق.

دىلبەر: سەن ئۆزۈڭنى بىر ئايدىن بېرى بۈگۈن ياغدىم دەمسەن؟  ھەر تۈنى كۆزلىرىمدىن ئاقىسەن، بىچارە يۈرىكىم ساڭا سائەتلەپ كۈنلۈك تۇتىدۇ.

يامغۇر: ساڭا بىر رىۋايەت دەپ بېرەي. كۈلكە بىلەن يىغا زېمىنغا تەڭ تەقسىملەنگەنىكەن. تەڭرى كۈلكىنىڭ ھەممىسىنى ئىنسانلارغا تەسەددۇقلاپ، يىغىدىن ئىنتايىن ئاز بۆلۈپ بەرگەنىكەن. ئاسمانغا بىر تۈمەن بۇلۇت قوشۇنىنى قوشۇپ، ئىنسانلارنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ بولۇشنى تاپىلىغانىكەن. شۇڭلاشقا بۇلۇتلار بىر كۈن ئۇ يەردە، بىر كۈن بۇ يەردە لەيلەپ يېغىپ يۈرىدۇ. 

دىلبەر: لېكىن ئىنسانلارمۇ يىغلايدۇغۇ؟!

يامغۇر: ئىنسانلار ئاز – تولا يىغلاپ تۇرمىسا، ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. 

دىلبەر: بۇ رىۋايىتىڭ پەقەت ئوخشىمىدى.

يامغۇر: ئوخشىمىسىمۇ ئىشقىلىپ ئاسماندا ئۆتكەن دەرسلىرىمىزدە مۇشۇنداق گەپلەر بار.

دىلبەر: كەيپىياتىم بەك ناچار، ياخشىسى مېنى يالغۇز قويغىن.

يامغۇر: ماڭا بۇرۇن بەك ئامراق ئىدىڭ.

دىلبەر: ئۇ چاغدا كۈنلۈكۈم بار ئىدى، ھازىر يوقالدى. بۇرۇن ساڭا ئىككىمىزنىڭ ئازابلىرىنىلا يۇيىدۇ دەپ ئامراق ئىدىم، كېيىن ۋەدىلىرىمىزنىمۇ يۇيۇپ تاشلىدىڭ.

يامغۇر: ئەجەبا باشقا كۈنلۈك سېتىۋېلىشنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟

دىلبەر: ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كۈنلۈك بولمىسا، مەيلى قانچىلىك يامغۇردا قالسام.

يامغۇر: سەن نېمىدىگەن جاھىل قىز، ئۇ كەتكەندىن بېرى سوغۇقتا قېلىن كىيمەيسەن، ئاغرىساڭ دورا يېمەيسەن، مەن ياغساممۇ كۈنلۈك تۇتمايسەن. 

دىلبەر: مۇشۇنداق قىلىشنى خالايمەن.

يامغۇر: ئۆزۈڭنى قىينىما. سېنى سەندىنمۇ سۆيىدىغان ئاتا – ئاناڭ بار.

دىلبەر: ئاتا – ئانامنى ئويلىسام، ئۆزۈمنى كەچۈرەلمەيمەن. ئۇلار مەن ئۈچۈن جېنىدىن كېچەلەيدۇ، مەن بولسام بىر يوق ئادەم ئۈچۈن ياش تۆكۈپ يۈرىمەن.

يامغۇر: ھەر كۈنى ھۇجراڭغا يوشۇرۇنۇپ ئۆزۈڭنى قىينايسەن، بۈگۈن ماڭا يوشۇرۇن، مەن كۆز ياشلىرىڭنى توسۇۋالىمەن.

دىلبەر: بولدى، قايتىپ كەتكىن. دىلىمنىڭ سۇنۇقى بار، چىقساممۇ يېنىكلىيەلمەيمەن.

يامغۇر: ئەسلىمەڭنى ئەسلىمە، دىلبەر، سەن كېلەچەكنىڭ كېلىنچىكى.

دىلبەر: كېلەچەكنىڭ؟

يامغۇر: شۇنداق، كەتمىش كەتتى، كەلمىشكە باق.

دىلبەر: مەن قىلالامدىم؟

يامغۇر: قىلالايسەن، بۈگۈن سىناپ باقايلى.

دىلبەر: ماقۇل ئەمىسە، نەگە بارىمىز؟

يامغۇر: بۇرۇنقى كونا جايلارغا ئەمدى بارمايلى، بۈگۈن سېنى يېڭى مەنزىرىلەردە ئايلاندۇراي. يېڭى كۈنلۈكلەرنى كۆرۈپ باققىن، ئەگەر ياقتۇرۇپ قالساڭ سېتىۋالىمىز.

دىلبەر: بولىدۇ، لېكىن ئاغرىپ قالماسمەن ھە!؟

يامغۇر: ئەنسىرمە، سېنى ئاغرىتىپ قويغۇدەك ياغمايمەن، بۈگۈن سائەت بەشتە توختايمەن.

2017 – يىلى نويابىرنىڭ 17 – كۈنى، ئۈرۈمچى