بارچە كېچىكتى

بارچە كېچىكتى

 

(قاتناش ۋەقەسى سەۋەبلىك پەرزەنتىدىن ئايرىلىپ قالغان شاڭخەيلىك ئانىنىڭ ئاھى)

 

ئابدۇرەھمان ئەفغانىي

 

 سېنى يىراقلارغا پەرۋاز قىلدۇرىمەن، دەپ ۋەدە بەرسەم، سەن كىچىك سومكاڭنى تەستە مۆرەڭگە ئارتاتتىڭ. ھازىر شۇ سومكىنىڭ ئۈستەلگە چىقىۋالغىنىغا بىر يىل بولدى، چىرايىنى توپا باستى. بىراق نەئىلاج، بارچە كېچىكتى

 

 ساڭا ھەجۋىي رەسىملىك كىتاب ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلسام، سەن ھەر قېتىملىق نەتىجەڭنى ئۆرلىتىشكە تىرىشاتتىڭ. «تۈز ئولتۇر»، «گەپ ئاڭلا»، «بېلىڭنى باغلا» لاردا سەن ئاللىبۇرۇن ئۆلچەمگە يەتكەنىدىڭ. ئەمما نېمىشقىدۇر، نومۇرۇڭ ھەمىشە ئازراق كەملەيتتى. ھازىر ئاناڭ ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتسۇن. ئۇ سېنىڭ رەسىملىك كىتابنى كۆرۈۋاتقاندىكى ئىختىيارسىز كۈلكەڭنى سېغىندى. بىراق نەئىلاج، بارچە كېچىكتى

 

ساڭا باغچىغا كەپە ياساپ بېرىمەن دەپ ۋەدە قىلغانىدىم. سەن دەرەخكە توردىن ئىلەڭگۈچ ئاسقۇڭ بارلىقىنى ئېيتقانىدىڭ. سېنىڭچە ئۇ يەردە تاپشۇرۇق يوق، كوتۇلداش يوق، ئىمتىھان يوق، كۇرۇس يوق ئىكەن. پەقەت تىنىق ئاسمان بىلەن يالغۇز بىر چۈشتىن كېيىن ئەسرالاشقۇڭ بارلىقىنى ئېيتتىڭ. ئەمما خىزمەت بىلەن مەكتەپ دائىم بۇ پىلاننىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالاتتى. مانا ئەمدىلىكتە سېنىڭ ئوت – چۆپلۈكتە تايچاقتەك چېپىۋاتقان ۋىجىك سىمايىڭنى كۆرگۈم كېلىۋاتىدۇ. بىراق نەئىلاج، بارچە كېچىكتى

 

 ساڭا سەي قورۇشنى ئۆگىتىپ قويۇشقا ۋەدە بەرگەنىدىم. سەن خۇشال ھالدا يۇمران ئالىقانلىرىڭنى يۇيۇپ، پەشتامنى چىگىپ ھازىر بولدۇڭ. ئەمما قولۇڭ كەلمەي توخۇمنى يەرگە چېقىپ، مەندىن تىل ئاڭلايتتىڭ. شۇندىن كېيىن ئاشخانىغا يېرىم قەدەممۇ يولىماس بولدۇڭ. ئەمدىلىكتە ئاناڭ ئىنتايىن سەۋرچان. پۈتۈن ۋاقتىنى سېنىڭ خۇشاللىقىڭ ئۈچۈن بېغىشلىغۇسى بار. بىراق نەئىلاج، بارچە كېچىكتى

 

 ساڭا ھازىر تىرىشساڭ كېيىن بەختلىك بولىمىز، دەپ ۋەدە قىلغانىدىم. قەھرىمان ساقچى بولغۇڭ بار ئىدى، ئەمما مەن سېنى دوختۇر قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ بولغان. قېنى ئەمدى قايتىپ كەل، بالام، ئاز – ئازدىن ئۆز غايەڭنى سىزىپ چىققىن. كىم بىلسۇن، ھېلىقى ئەتىگەن سېنى ئۆيدىن ئېلىپ كەتكەن قۇياش كەچتە سېنى ئالغاچ كەلمىدى

 

 نېمىشقا بالدۇرراق ئېيتمىغانتىڭ، بالام؟ ئاناڭغا ۋاقتىڭنىڭ ئاز قالغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن بولساڭ، بىز بىللە بولالالىغان توققۇز يىل پۇرسەتنى نەقەدەر قەدىرلەر بولغىيتتىم. سەن ئاپراتتىكى ئۆزۈڭگە قاراپ باققىنە، كۈلكەڭ شۇنچە تاتلىقكى، ئەسلا ياسالما ئەمەس. ئاغزىڭدا ئەمەس، كۆزۈڭدە كۈلەتتىڭ. بەلكىم تەڭرىمۇ سېنىڭ كۈلكەڭنى ياقتۇرۇپ قالغان چېغى، سېنى شەپىسىز چاقىرىپ كەتتى

 

ئويلاپ باقتىڭمۇ، بالام؟ سەن كەتسەڭ ئويۇنچۇقلىرىڭ يىغلاپ تاشلىمامدۇ، ئەمدى ئۇلار بىلەن بىللە ئوينايدىغان سەن يوق؛ سەن كەتسەڭ كىتابلىرىڭ كۆز يېشى قىلمامدۇ، ئەمدى ئۇلارنى ئىشكاپقا رەتلىك تىزىدىغان سەن يوق؛ سەن كەتسەڭ كىيىملىرىڭ يىغلىمامدۇ؛ سەن كەتسەڭ تىككەن گىياھلىرىڭ يىغلىمامدۇ؛ باققان بېلىجانلىرىڭ يىغلىمامدۇ؛ ئاناڭ توردىن چۈشۈرگەن ئويۇنلار يىغلىمامدۇ؟… سەن كەتمىدىڭ، شۇنداقمۇ بالام؟ سەن چوقۇم چاپتىكەشلىك قىلىپ، دائىمقىدەك ئىشىك كەينىگە مۆكۈۋالدىڭ؛ سەن جەزمەن يولدا ئېزىپ قېلىپ، بىر يوچۇن ئايالنىڭ پېشىنى تۇتۇپ «ئانامنى تېپىپ بېرىڭ» دەۋاتىسەن؛ سەن چوقۇم مەكتىپىڭدە يېڭى ئويۇنچۇق ئەكەلگەن ساۋاقداشلىرىڭغا ھەۋەس قىلىۋاتىسەن، ئۇلاردىن مەيلىڭنى ئۈزەلمەي ئۆيگە قايتقۇڭ كەلمەيۋاتىدۇ؛ يا بولمىسا سەن مەلۇم ساۋاقدىشىڭ بىلەن چاقچاقلىشىپ قىزىرىشىپ قالدىڭ، شۇڭا مۇئەللىم سېنى ئېلىپ قالدى، سەن شۇ تاپتا مېنىڭ پاتراق بېرىپ سېنى قۇتقۇزۇۋېلىشىمنى ساۋاقلاۋاتىسەن. ماقۇل قوزام، مەن ھازىرلا يولغا چىقاي، مەكتەپكە بارسام سېنى تاپالايمەنمۇ؟

 

 ئوماق قوزام، ساڭا ئويۇنچۇق ئېلىپ بەرمىسەم، سەن يەردە يېتىۋېلىپ يۈرۈپ ئاخىر ئالغۇزاتتىڭ. ھازىر مەنمۇ بىر قېتىم كىچىك بالىغا ئايلانسام بولامدۇ؟ مەنمۇ سەندەك ئەركىلەپ، سېنىڭ كەتمەسلىكىڭنى ئۆتۈنسەم بولامدۇ؟ بۇ قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغىنىۋېلىشنى تىلىسەم بولامدۇ؟

 

 قايتىپ كەل، بالام. ماڭا بىر كۈن ۋاقىت بەر، سېنى مېھرىبان ئانا كەبى سۆيۈۋالاي، ساڭا جاھاندىكى جىمى بەختنى بېرىۋالاي. قەسەم بېرەيكى، ئەمدى ساڭا ۋارقىرىمايمەن، ئويۇنىڭنى بۇزمايمەن، تېلېفونغا تىكىلىۋالمايمەن، دۆت كاللا دەپ ئەيىبلىمەيمەن، سېنىڭ ئارزۇيۇڭدىكى ياخشى ئانا بولۇپ، پەپىلىتىپ چوڭ قىلىمەن، مەڭگۈلۈك ئانا مېھرىنى توققۇز يىلدىلا بېرىۋالىمەن

 

 قوزام، قېنى ئاپاڭغا دېگىنە، جەننەتتە تاپشۇرۇق بېرەمدىكەن؟ جەننەتتە تەلەپچان ئانا بىلەن قاتتىق قول ئوقۇتقۇچى بارمىكەن؟ جەننەتتىكى دوستلىرىڭ بىلەن چىقىشالىدىڭمۇ؟ جەننەتتىكى ئويۇنچۇقلارمۇ بۇ يەردىكىگە ئوخشامدىكەن؟ سەن قاراڭغۇدىن قورقاتتىڭ، چىراغلىرى ئوبدان يانىدىغاندۇ – ھە؟ ياكى جەننەتتە قاراڭغۇ چۈشمەمدىكەن؟ ئەمدى سەن يالغۇز قالدىڭ، بالام. ئەمدى ئۆزۈڭ ئۆزۈڭنىڭ قەھرىمانى بولۇشۇڭ كېرەك

 

 تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىمەن، باقىيدا بىزنى يەنە ئانا – بالا قىلسۇن. پانىيدا قانالمىغان بۇ مېھىر تەشنالىقىنى داۋاملاشتۇرايلى. سەن ئۈچۈن ھەر زامان ئۆلۈمگە تەلمۈرىمەن. ھەر بىر كۈنى سەن بىلەن تۇرالايدىغان ئەڭ ئاخىرقى كۈن دەپ تۇرۇپ قەدىرلەيمەن. ئۇ چاغدا ھېچ ئىشقا كېچىكمەيمىز

 

 

  يىلى ئاپرېلنىڭ 13 – كۈنى، ئۈرۈمچى2017